بۇ مەخپىيەتلىك باياننامىسى Microsoftنىڭ بۇ مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەن بارلىق سانلىق مەلۇمات يىغىدىغان تور بەتلىرى، مۇلازىمەتلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تورسىز ھالەتتىكى مەھسۇلاتلارنى قوللاش مۇلازىمىتىگە كۈچكە ئېگە. بۇ مەزمۇنلار Microsoft نىڭ بۇ باياننامىنى كۆرسەتمەيدىغان ياكى ئۇلىنىش بەرمىگەن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئايرىم مەخپىيەتلىك باياننامىسى بار تور بەتلىرى، مۇلازىمەتلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىغا كۈچكە ئېگە ئەمەس.
تۆۋەندىكى قىسقىچە مەزمۇننى ئوقۇڭ، مەخسۇس تېمىلار توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇماتلار ئۈچۈن "كۆپرەك بىلىۋالاي" نى چېكىڭ. يۇقارقى مەھسۇلاتلارنىڭ مەخپىيەتلىك باياننامىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىدىن تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ باياننامىدە تىلغا ئېلىنغان بەزى مەھسۇلاتلار، مۇلازىمەتلەر ياكى ئىقتىدارلار بەزى بازارلاردا بولماسلىقى مۇمكىن. Microsoft نىڭ شەخسىيىتىڭىزنى قانداق قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى http://www.microsoft.com/privacyدىن تاپالايسىز.
كۆپىنچە Microsoft بېكەتلىرى «ساقلانمىلار»نى ئىشلىتىدۇ، ئۇ بىر كىچىك تېكىست ھۆججىتى بولۇپ، شۇ ساقلانمىنى كومپيۇتېرىڭىزغا قويغان تور نامىدىكى تور مۇلازىمېتىرى تەرىپىدىن ئوقۇلىدۇ. بىز سىزنىڭ ياقتۇرۇشلىرىڭىز ۋە تەڭشەكلىرىڭىزنى ساقلاش، تىزىملىتىپ كېرىشكە ياردەم بېرىش، نىشانلىق ئېلان بىلەن تەمىنلەش ۋە تور بەت مەشغۇلاتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن؛
ساقلانمىلارنى يەتكۈزۈش ۋە ئانالىز ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئۈچۈن، تور سىگنالىنىمۇ ئىشلىتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى تەرەپ تور سىگناللىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ.
سىزنىڭ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ساقلانغانلارنى ۋە ئوخشاش تېخنىكىلارنى باشقۇرىدىغان قوراللىرىڭىز بار.
ساقلانمىلارنى ئىشلىتىشىمىز ھەققىدە
كۆپىنچە Microsoft بېكەتلىرى «ساقلانمىلار»نى ئىشلىتىدۇ، ئۇ تور مۇلازىمېتىرى قاتتىق دىسكىڭىزغا قويىدىغان كىچىك تېكىست ھۆججىتىدۇر. ساقلىغانلار سىزگە ساقلانغانلارنى تارقاتقان دائىرىدىكى تور مۇلازىمىتىرى ئوقۇيالايدىغان تېكىستلەرنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. بۇ تېكىست كۆپىنچە كومپيۇتېرىڭىزنى ئايرىپ تونۇيدىغان بىر يۈرۈش سان ياكى ھەرپتىن تۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا باشقا ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. تور بېكەتلىرىمىزنى زىيارەت قىلغاندا Microsoft قاتتىق دېسكىڭىزغا قويىدىغان ساقلانمىلار تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە بولىدۇ: E3732CA7E319442F97EA48A170C99801
ساقلانمىلارنى تۆۋەندىكىدەك مەقسەتلەردە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن:
بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ساقلانمىلار تۆۋەندىكى گىرافىكتا كۆرسىتىلدى. بۇ تىزىملىك تەلتۆكۈس ئەمەس، ئەمما ساقلانما ئىشلىتىشىمىزنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بىرەر تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلسىڭىز، بۇ تور بېكەت تۆۋەندىكى ساقلانمىلارنىڭ بىر نەچچىسىنى ياكى ھەممىسىنى قويۇشى مۇمكىن:
تور بېكەتلىرىمىزنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا Microsoft ساقلانما قويغاندىن باشقا، Microsoft تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلسىڭىز، ئۈچىنچى تەرەپمۇ قاتتىق دىسكىڭىزغا مەلۇم ساقلانمىلارنى قويۇشى مۇمكىن. بەزى ۋاقىتلارنىڭ بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ئۈچىنچى تەرەپنى بىز ئۈچۈن تور بەت تەھلىلىگە ئوخشاش بەزى مۇلازىمەتلەرنى قىلىشقا ئىشلەتكەنلىكىمىزدىن بولىدۇ. يەنە بەزى ۋاقىتلاردا بۇنىڭ سەۋەبى تور بەتلىرىمىز ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سىن، خەۋەر ياكى باشقا مەنبەلەردىن كەلگەن ئېلانلارغا ئوخشاش مەزمۇنى ۋە ئېلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن بولىدۇ. توركۆرگۈچىڭىز مەزمۇن قوبۇللاش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تور مۇلازىمېتىرىغا ئۇلىنىدىغان بولغاچقا، شۇ ئۈچىنچى تەرەپ قاتتىق دىسكىڭىزغا قويۇلغان ئۆز ساقلانمىلىرىنى تەڭشىيەلەيدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ.
ساقلانمىلارنى باشقۇرۇش ھەققىدە
مەسىلەن، Internet Explorer 9 دا تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق ساقلانمىلارنى توسالايسىز:
باشقا توركۆرگۈچلەردە ساقلانمىلارنى توسۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن كۆرۈڭ: http://www.allaboutcookies.org/manage-cookies/.
سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ناۋادا ساقلانمىلارنى توسۇشنى تاللىسىڭىز، ساقلانمىلارغا تايىنىدىغان Microsoft تور بېكەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىگە تىزىملىتىپ كىرەلمەيسىز ياكى باشقا قوش يۆنىلىشلىك ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەيسىز، ھەمدە ساقلانمىلارغا تايىنىدىغان بەزى ئېلان تەڭشەكلىرىڭىز نورمال ئىشلىمەيدۇ.
مەسىلەن، Internet Explorer 9دا سىز تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىپ ساقلانمىلارنى ئۆچۈرەلەيسىز.
باشقا توركۆرگۈچلەردە ساقلانمىلارنى ئۆچۈرۈش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن كۆرۈڭ: http://www.allaboutcookies.org/manage-cookies/.
سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ناۋادا ساقلانمىلارنى ئۆچۈرۈشنى تاللىسىڭىز، بۇ ساقلانمىلار باشقۇرىدىغان ئېلان مايىللىقى قاتارلىق بارلىق تەڭشەكلەر ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم قايتا قۇرۇش كېرەك بولىدۇ.
توركۆرگۈچنىڭ «ئىزلىماسلىق» ۋە ئىزلاشتىن قوغدىنىش تىزگىنلىرى بەزى يېڭى توركۆرگۈچلەردە توپلاشتۇرۇلغان «ئىزلىماسلىق» ئىقتىدارى بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوچۇق ھالەتتە ئىز قوغلاشنى ياقتۇرمىغانلىقىڭىز ھەققىدە تور بېكەتكە سىگنال يوللايدۇ. بۇ بېكەتلەر (ياكى شۇ بېكەتلەردىكى ئۈچىنچى تەرەپ مەزمۇنلىرى) ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن بولسىڭىزمۇ، شۇ بېكەتنىڭ مەخپىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئىز قوغلاش دەپ قارىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىشنى مۇمكىن.
Internet Explorer 9 ۋە 10 نىڭ ئىزلاشنى قوغداش دەيدىغان بىر ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق سىز كۆرگەن تور بېكەتلەرنىڭ زىيارىتىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئاپتوماتىك ئەۋەتىشىنى توسقىلى بولىدۇ. ئىز قوغلاشتىن قوغدىنىش تىزىملىكى قوشقاندا، Internet Explorer تىزىملىكتىكى توسۇشقا تېگىشلىك بەتلەردىن كەلگەن ساقلانمىلار ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپ مەزمۇنلىرىنى توسىدۇ. Internet Explorer بۇ تور بېكەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىگە چەك قويۇش ئارقىلىق ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەتلىرىنىڭ سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يىغىشىنى توسىدۇ. ئىز قوغلاشتىن قوغدىنىش تىزىملىكى قوزغىتىلغاندا Internet Explorer سىز زىيارەت قىلغان تور بەتلەرگە ئىز قوغلىماسلىق سىگىنالى ياكى مايىللىق ئۇچۇرى ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، Internet Explorer 10 دا DNT نى «يېپىق» ياكى «ئوچۇق» ھالەتكە خالىغانچە ئالماشتۇرالايسىز. ئىزلاشتىن قوغدىنىش تىزىملىكى ۋە ئىزلىماسلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى Internet Explorer مەخپىيەتلىك بايانى ياكى Internet Explorer ياردەملىرىدىن كۆرۈڭ.
خۇسۇسىي ئېلان شىركەتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۈزۈش ۋە ئېلان تاللاش ئىقتىدارلىرى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، Microsoft ئېلان مايىللىقى ۋە سۈزۈش تىزگىنلىرى تۆۋەندىكى ئورۇندا بار: http://choice.live.com/advertisementchoice/. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېلان قوبۇل قىلىشنىڭ توختايدىغانلىقى ياكى ئازراق ئېلان تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئەگەر ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز، سىز تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئېلانلار مەشغۇلاتنى نىشان قىلغان ئېلانلار بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېلان سۈزۈش بىلەن مۇلازىمېتىرغا ئۇچۇر توپلىشىمىز توختاپ قالمايدۇ، بىراق نىشانلىق ھەرىكەتچان ئېلان ئۈچۈن مەخسۇس ئارخىپ قۇرۇش ۋە يېڭىلاشنى توختىتىمىز.
تور كۆزەتكۈچىنى ئىشلىتىشىمىز ھەققىدە
Microsoft تور بەتلىرىدە تور كۆزەتكۈچى ياكى بەزىدە يەككە پېكسىل gif ھۆججىتى دەپ ئاتىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق رەسىملەر بولۇشى مۇمكىن، بۇلار تور بەتلىرىمىزدىكى ساقلانمىلارنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە، تور بەت زىيارەتچىلىرىنى سانىشىمىزغا ۋە شېرىكلەشكەن مۇلازىمەتلەرنى يۈرگۈزۈشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. خەتلەرنىڭ ئوقۇلغان-ئوقۇلمىغانلىقى ۋە شۇ خەتلەردىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەشۋىقات خاراكتېرلىك تورخەت ۋە ئۇچۇرلىرىمىزغىمۇ تور سىگنالى قىستۇرۇشىمىز مۇمكىن.
بىز يەنە Microsoft تور بېكەتلىرىدە ئېلان قويغان باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرىدە ياكى ئېلانلىرىدا تور كۆزەتچىلىرىنى قويۇش ئارقىلىق، Microsoft تور بېكەتلىرىدىكى ئېلانلارنىڭ چېكىلىشى، شۇ ئېلان بېتىدە شەكىللەنگەن سودا-سېتىق پائالىيىتى قاتارلىقلارنى سىتاتىستىكا قىلىشىمىز مۇمكىن.
ئاخىرىدا، Microsoft تور بېكەتلىرىدە يەنە ئۈچىنچى تەرەپ تور سىگناللىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇلار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىز ۋە باشقا تور بېكەت مەشغۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە سىتاتىستىكا قىلىشىمىزغا ياردەملىشىدۇ. بۇ تور كۆزەتچىلىرى ئۈچىنچى تەرەپنى كومپيۇتېرىڭىزغا ساقلانمىلارنى قويۇشقا ياكى ئوقۇشقا يول قويۇشى مۇمكىن. بىز ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تور بەتلىرىمىزدىكى تور كۆزەتچىلەرنى ئىشلىتىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش ۋە كۆرۈشىنى چەكلەيمىز. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇچۇر توپلاش ياكى بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئانالىز شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر ئىشلىتىشىنى تۆۋەندىكى ئانالىز مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەر ئۈچۈن بېرىلگەن ئۇلىنىشلارنى چېكىپ، سۈزۈۋېتەلەيسىز:
باشقا ئوخشاش تېخنىكىلار
تور بېكەتلەر ئۆلچەملىك ساقلانما ۋە تور سىگناللىرىدىن باشقا تېخنىكىلار ئارقىلىقمۇ كومپيۇتېرىڭىزغا مەلۇمات ھۆججىتى قويۇشى ياكى ئوقۇشى مۇمكىن. بۇ جەريانلار شۇ جايغا بەزى ھۆججەتلەرنى ساقلاش ئارقىلىق ياقتۇرۇشلىرىڭىزنى ساقلاش ياكى سۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلىنغان. بۇنى ئۆلچەملىك ساقلانغانلارغا ئوخشاش، كېينچە مەشغۇلاتلارنى ئىز قوغلاشقا ئىشلەتكلى بولىدىغان كومپيۇتېرىڭىزنىڭ خاس پەرقلەندۈرگۈچىنى ساقلاشقا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ. بۇ تېخنىكىلار يەرلىك ئورتاق ئوبيېكت (ياكى «Flash ساقلانمىلىرى») ۋە Silverlight ئەپ ساقلانمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەرلىك بەھىرلەنگەن مەزمۇنلار ياكى "Flash ساقلانمىلىرى". Adobe Flash تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغان تور بېكەتلەر يەرلىك ئورتاق ئوبيېكت ياكى «Flash ساقلانمىلىرى» ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇچۇر ساقلىشى مۇمكىن. تور كۆرگۈلەر ئوخشىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، Flash ساقلانمىلىرىنى تازىلاش ئىقتىدارىنىڭ تور كۆرگۈڭىزنىڭ ئۆلچەملىك ساقلانمىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەڭشىكى تەرىپىدىن باشقورۇلمايدىغانلىقىنىڭمۇ مۇمكىنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. Flash ساقلانمىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە چەكلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئورۇنغا كىرىڭ: http://www.macromedia.com/support/documentation/en/flashplayer/help/settings_manager.html.
Silverlight پروگراممىسى Microsoft Silverlight تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغان تور بېكەتلەر Silverlight ئەپ ساقلانمىسى ئارقىلىق ئۇچۇر ساقلىيالايدۇ. ئۇ خىل ساقلانمىنى باشقۇرۇش ۋە چەكلەش ئۈچۈن Silverlight نى كۆرۈڭ.
Microsoft ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ۋە سىزنى قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە ھېسلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ.
بىزنىڭ تور بەت ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزگە تىزىملاتقان، تىزىملىتىپ كىرگەن ۋە ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز. بىز باشقا شىركەتلەردىنمۇ ئۇچۇرغا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
بىز بۇ ئۇچۇرلارنى تور جەدىۋەللىرى،يىغىپ ساقلىغۇچ قا ئوخشاش تېخنىكىلار، تورغا تىزىملىتىپ كىرىش، شۇنداقلا كومپيۇتېر ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى يۇمشاق دېتاللار قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن توپلايمىز.
Microsoft ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ۋە سىزنى قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە ھېسلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. بەزى ئۇچۇرلارنى سىز بىۋاستە بىزگە تەمىنلەيسىز. بەزى ئۇچۇرلارغا بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ۋە مۇلازىمىتىمىزگە قارىتا ئىنكاسىڭىزنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشىمىز. بەزىلىرىگە باشقا مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۆزىمىز بىۋاسىتە يىغقان ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. بۇ ئۇچۇرلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ۋە سىزنىڭ مەخپىيىتىڭىزنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايمىز.
بىز توپلايدىغان ئۇچۇرلار:
ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۇسۇلىمىز:
بىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئۇسۇل ۋە تېخنىكىلارنى قوللىنىپ بىزنىڭ تور بەتلىرىمىز ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز:
Microsoft بىز توپلىغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ياخشىلاش ۋە خاسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
ئۇچۇرلارنى سىز بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، سىزگە ھېساباتىڭىز ۋە بىخەتەرلىكنىڭ يېڭىلىنىشىنى يەتكۈزۈش قاتارلىقلار.
ئېلان قوللايدىغان مۇلازىمەتلىرىمىزدە سىزگە تېخىمۇ نىشانلىق ئېلانلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.
Microsoft بىز توپلىغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ياخشىلاش ۋە خاسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بىز بىلەن بولغان ئالاقىڭىزدە ئىزچىل داۋاملاشقان خاس مۇلازىمەت بىلەت تەمىنلىشىمىز ئۈچۈن بىر Microsoft مۇلازىمىتى ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇر باشقا Microsoft مۇلازىمىتى ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلىشى مۇمكىن. بىز بۇنى باشقا شىركەتلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار بىلەنمۇ تولۇقلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، جۇغراپىيەلىك ئورنىڭىزغا ئاساسەن بەزى ئالاھىدە مۇلازىمەتلەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، باشقا شىركەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىنى IP ئادرېسىڭىزغا ئاساسەن جۇغراپىيەلىك ئورنىڭىزنى بەلگىلەشكە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.
ئۇچۇرلارنى سىز بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، سىزگە زاكاسىڭىزنىڭ قاچان توشىدىغانلىقى، بىخەتەرلىكنىڭ قاچان يېڭىلىنىدىغانلىقى، ھېساباتىڭىزنى ئاكتىپ ھالەتتە ساقلاش ئۈچۈن قاچان چارە قوللىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى يەتكۈزۈش قاتارلىقلار
Microsoft نىڭ نورغۇن تور بەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى ھەقسىز، چۈنكى بۇلارنى ئېلان مۇلازىمىتى قوللايدۇ. بۇ مۇلازىمەتلەرنى تېخىمۇ ئىشلىتىشچان قىلىش ئۈچۈن، بىز توپلىغان ئۇچۇرلار سىز كۆرگەن ئېلانلارنى تېخىمۇ نىشانلىق قىلىپ ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
بۇ مەخپىيەتلىك باياننامىسىدا سۆزلەنگەندىن باشقا، سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزسىز ئۈچىنچى تەرەپكە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارلىمايمىز.
Microsoft نىڭ تارماقلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا، قانۇن تەلەپ قىلغاندا ياكى قانۇن تەرتىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، مەنپەئىتىمىزنى ياكى ھاياتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانداق ۋاقىتتا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلايدىغانلىقمىز توغرسىدىكى تەپسىلاتلار ئۈچۈن باشقا مۇھىم مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرى نى كۆرۈڭ.
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈنبۇ يەر نى بېسىڭ:
بىر قىسىم Microsoft مۇلازىمەتلىرى سىزگە توردا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈش ياكى تەھرىرلەش ھوقۇقى بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى رۇخسەتسىز كۆرۈشىنى توسۇشىمىزغا ياردەم قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىزىملىتىشىڭىز كېرەك. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق ئۇسۇلدا ئېچىشىڭىز سىزنىڭ قايسى تور بەتلەرنى ۋە قايسى مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكىنىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
Microsoft.com - زىيارەت قىلىش ئارقىلىقmicrosoft.com دىكى ئارخىپىڭىزنى ئاچالايسىز ۋەMicrosoft.com ئارخىپ مەركىزىنى.
Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتى - Microsoftھېساباتىڭىز بولسا، "شەخسىي ئۇچۇرلار" ياكى "ھېسابات ئۇچۇرلىرى" ئۇلىنىشىنى ئېچىش ئارقىلىق، Microsoft ھېساباتى تور بېتىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يېڭىلىيالايسىز.
Microsoft ئۇلىنىش- ئەگەر سىز Microsoft ئۇلىنىشنىڭ تىزىملاتقان قوللانچىسى بولسىڭىز، Microsoft ئۇلىنىش تور بېتىدىكى ئۇلىنىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش نى ئېچىش ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەھرىرلىيەلەيسىز ۋە يېڭىلىيالايسىز.
Windows Live - خاسID رىڭىزنى كۆرەلەيسىز ياكى بىر نەچچە ھېساباتىڭىزنى ئېتىۋىتەلەيسىز. ئارقىلىق، ئارخىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى يېڭىلىيالايسىز، پارولىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، كىملىك ئۇچۇرلىرىڭىز بىلەن باغلانغان ئەگەر Windows Live مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، Windows Live ھېسابات مۇلازىمىتىنى زىيارەت قىلىش.
Windows Live ئاشكارە ئارخىپى - ئارخىپتىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەھرىرلىيەلەيسىز ياكى ئۆچۈرۈۋېتەلەيسىز.ئەگەر سىز Windows Live دا ئاشكارە ئارخىپ قۇرغان بولسىڭىز، Windows Live ئارخىپىڭىزنى ئېچىپپئاشكارە .
ئېلان مۇلازىمىتى ئىزدەش - ئەگەر Microsoft ئېلانچىلىقىدىن ئېلان ئىزدەش مۇلازىمىتى سېتىۋالغان بولسىڭىز، Microsoft ئېلان مەركىزىدىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز ۋە تەھرىرلىيەلەيسىز.
Microsoft ھەمكارلىق پروگراممىسى - ناۋادا Microsoft ھەمكارلىق پروگراممىسى غا تىزىملاتقان بولسىڭىز، ھەمكارلىق پروگراممىسى تور بېتىدىكىھېساباتىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق ئارخىپىڭىزنى كۆرەلەيسىز ۋە تەھرىرلىيەلەيسىز.
Xbox - ئەگەر سىز Xbox LIVE ياكى Xbox.com قوللانچىسى بولسىڭىز، Xbox 360 كونتىرول سۇپىسى ياكى Xbox.com تور بېتىدىكى My Xbox ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھېسابات ئۇچۇرلىرى، مەخپىيەتلىك تەڭشەك لىرى، تور ھالىتىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمبەھىرلىنىشتىكى ياقتۇرۇشلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز ۋە تەھرىرلىيەلەيسىز. ھېسابات ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن My Xbox ھېساباتىڭىزنى تاللاڭ. باشقا شەخسىي ئۇچۇرلار تەڭشىكى ئۈچۈن،ئاۋۋال My Xbox نى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارخىپنى، ئاخىرىدا تور ھالىتىدىكى بىخەتەرلىك تەڭشىكىنى تاللاڭ.
Zune - ئەگەر Zune ھېساباتىڭىز بولسا ياكى Zune Pass قا تىزىملاتقان بولسىڭىز،Zune.net (تىزىملاپ كىرىش، Zune بەلگىسىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئارخىپىم) تە ياكى Zune يۇمشاق دېتالى (تىزىملاپ كىرىش، Zune بەلگىسىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن كېيىن Zune.net تىن ئارخىپنى تاللاش) ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز ۋە تەھرىرلىيەلەيسىز.
ئەگەر Microsoft تور بەتلىرى ياكى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشلاردىكى مۇلازىمەتلەر تەرىپىدىن يىغىلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاچالمىسىڭىز، بۇ تور بەتلەر ۋە مۇلازىمەتلەر سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئېچىشىڭىز ئۈچۈن باشقا ئۇسۇلنى تەمىنلەيدۇ. تور جەدىۋىلى نى تولدۇرۇش ئارقىلىق Microsoft بىلەن ئالاقىلىشالايسىز. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈش ياكى ئۆچۈرۈش تەلىپىڭىزگە 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمىز.
Microsoft تور بېتى ۋە مۇلازىمىتى ياش ئۇچۇرلىرىنى توپلىغاندا، 13 ياشتىن تۆۋەن قوللانچىلارنى توسىدۇ ياكى ئۇلار ئىشلىتىشتىن ئاۋال ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسىنىڭ ئىجازىتىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ھېساباتىغا باشقا ھېساباتلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ، يەنى باشقا قوللانچىلار بىلەنمۇ نورمال ئالاقىلىشەلەيدۇ.
ئاتا-ئانىلار بۇ شەخسىيەت باياننامىسىغا ئاساسەن ئىجازەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە بىكار قىلالايدۇ.
Microsoft تور بېتى ۋە مۇلازىمىتى ياش ئۇچۇرلىرىنى توپلىغاندا، 13 ياشتىن تۆۋەن قوللانچىلارنى توسىدۇ ياكى ئۇلار ئىشلىتىشتىن ئاۋال ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ھەرگىز 13 ياشتىن تۆۋەن باللاردىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە كېرەك بولغاندىن ئارتۇق ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلمايمىز.
ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ھېساباتىغا باشقا ھېساباتلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بالىلار ئېلېكترونلۇق خەت، تىز ئۇچۇرلىشىش ۋە توردىكى ئۇچۇر تاختىسى قاتارلىق ئالاقە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ، ھەمدە باشقا بارلىق ياشتىكى قوللانچىلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلالايدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئىلگىرى بېرىلگەن ئىجازەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ياكى بىكار قىلالايدۇ، شۇنداقلا پەرزەنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ، تەھرىرلىيەلەيدۇ ۋە ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلالايدۇ. مەسىلەن، Windows Live دە ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ ھېساباتىنى زىيارەت قىلالايدۇ ۋە "ئاتا-ئانىلار ئىجازىتى" گە كىرەلەيدۇ.
Microsoft تور بەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىدىكى تور ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسى Microsoft ئېلانچىلىقى تەرىپىدىن قويۇلىدۇ. تور ئېلانلىرىنى كۆرسىتىش جەريانىدا، سىزگە بىر ئېلاننى كۆرسەتكەن ۋاقتىمىزدا كومپيۇتېرىڭىزنى تونۇش ئۈچۈن بىر ياكى بىر نەچچە يىغىپ ساقلىغۇچ نى قويىمىز. مەشغۇلات جەريانىدا، ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن تور بەتلەردىن ئۇچۇر توپلىشىمىز، ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنى تېخمۇ باغلىنىشلىق ئېلانلار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن.
ئەمەلدىن قالدۇرۇش بېتىمىز ئارقىلىق Microsoft ئېلانچىلىقى دىن نىشانلىق ئېلانلارنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرالايسىز.
ئېلانچىلىق مۇلازىمىتى نۇرغۇن تور بەتلىرىمىز ۋە تور مۇلازىمەتلىرىمىزنى قوللايدۇ.
Microsoft تور بەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىدىكى تور ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسى Microsoft ئېلانچىلىقى تەرىپىدىن قويۇلىدۇ. تور ئېلانلىرىنى كۆرسىتىش جەريانىدا، سىزگە ھەر قېتىم ئېلان كۆرسەتكەندە كومپيۇتېرىڭىزنى تونۇش ئۈچۈن بىر ياكى بىر نەچچە داۋاملىشىپ تۇرىدىغان يىغىپ ساقلىغۇچ قويىمىز. ئۆزىمىزنىڭ تور بەتلىرى ھەمدە ئېلان ۋە نەشىر ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ تور بەتلىرىنى ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلەتكەنلەر زىيارەت قىلغان تور بەتلەرنىڭ تۈرلىرى، مەزمۇنى ۋە ئېلانلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىيالايمىز. بۇ ئۇچۇرلار نۇرغۇن تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئوخشاش ئېلانلارنى قايتا-قايتا كۆرۈپ قالماسلىقىڭىزنى كاپالەتلەندۈرىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى سىزنى قىزىقىدۇ دەپ ئويلىغان نىشانلىق ئېلانلارنى تاللاش ۋە كۆرسىتىشىمىزگە ئىشلىتىمىز.
ئەمەلدىن قالدۇرۇش بېتىمىز ئارقىلىق Microsoft ئېلانچىلىقى دىن نىشانلىق ئېلانلارنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرالايسىز. Microsoft ئېلانچىلىقى نىڭ ئۇچۇرلارنى قانداق توپلايدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،Microsoft ئېلانچىلىقى شەخسىيەت باياننامىسىنى كۆرۈڭ.
بىز باشقا ئېلان ھەمكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى تەرەپ ئېلان شىركەتلىرىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىمىز. بەزى ئەھۋاللاردا ئۈچىنچى تەرەپمۇ سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا يىغىپ ساقلىغۇچ قويۇشى مۇمكىن. بۇ شىركەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. 24/7 Real Media, adblade, AdConion, AdFusion, Advertising.com, AppNexus, Bane Media, Brand.net, CasaleMedia, Collective Media, InMobi, Interclick, Jumptap, Millennial Media, Nugg.ad AG, Mobclix, Mojiva, SpecificMedia, Tribal Fusion, ValueClick, Where.com, Yahoo!, YuMe, Zumobi. بۇ شىركەتلەر يىغىپ ساقلىغۇچلىرى ئارقىلىق سىزنى نىشانلىق ئېلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. سىز يۇقىرىدىكى شىركەت ئىسىملىرىنى چېكىش ۋە ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇلىنىشلارنى ئېچىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ نىشانلىق ئېلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور ئېلانچىلىقى ئاكتىپلىرى ياكى رەقەملىك ئېلانچىلىق بىرلەشمىسى نىڭمۇ ئەزالىرى.
تاپشۇرۇۋالغان تورخەتتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە Microsoft بېكەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىدىن كېلىدىغان تەشۋىقات خەتلىرىنى توسالايسىز. مەلۇم Microsoft بېكىتى ياكى مۇلازىمىتىدە ھەرقايسى مۇلازىمەت ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەشۋىقات تورخەتلىرى، تېلېفونلىرى ۋە خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش-تاپشۇرۇۋالماسلىقنى تاللىيالىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر بىزنىڭ تەشۋىقات خاراكتىردىكى ئېلېكترونلۇق خەتلىرىمىزنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىڭىز ھەم ئۇنىڭ كېلىشىنى توختاتماقچى بولسىڭىز، بۇ ئۇچۇردىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن بېجىرەلەيسىز.
تۆۋەندىكى تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق، بار بولغان مۇلازىمەتكە ئاساسەن ھەر قايسى Microsoft تور بەتلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات خاراكتىرلىك ئېلېكترونلۇق خەت، تېلېفون، پوچتا يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ياكى رەت قىلىشنى ئالدىن قارار قىلالايسىز.
بۇ تاللاشلار تور ئېلانلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشىگە قوللىنىلمايدۇ: بۇ ھەقتىكى ئىشلارنى «ئېلان كۆرسىتىش(توسۇش)» تىن كۆرۈڭ. ئۇلار يەنە بەزى Microsoft مۇلازىمەتلىرىنىڭ بىر بۆلىكى ھېسابلىنىدىغان، سىز شۇ مۇلازىمەتنى بىكار قىلمىغۇچە مەزگىللىك ھالدا خەت تاپشۇرۇۋالىدىغان مەجبۇرىي مۇلازىمەت ئالاقىلىرىگىمۇ قوللىنىلمايدۇ.
ئورۇنغا ئاساسلانغان مۇلازىمەت ياكى ئىقتىدارنى ئىشلەتكەندە، ئالاقە مۇنارى ئۇچۇرى، Wi-Fi ئۇچۇرى ۋە خەلقئارالىق ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) ئۇچۇرلىرى Microsoft قا ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. Microsoft سىز تەلەپ قىلغان مۇلازىمەتنى تەمىنلەش، مۇلازىمەتنى خاسلاشتۇرۇش ۋە Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىدۇ.
بەزى مۇلازىمەتلەردە ئورۇن ئۇچۇرلىرىنىڭ Microsoft قا ئەۋەتىلىشى ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى كونتىرول قىلالىشىڭىز مۇمكىن. بەزى مۇلازىمەتلەر ئۈچۈن ئورۇن ئۇچۇرلىرى بولمىسا بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىشنى توختىتىش ئۈچۈن، شۇ ئىقتىدارنى ئۆچۈرۈش ياكى مۇلازىمەتنى توختىتىش كېرەك. ئۈسكۈنىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى چەكلەش ئۈچۈن، شۇ ئۈسكۈنە بىلەن بىللە كەلگەن چۈشەندۈرۈشكە قاراڭ.
ياردەم ئۇچۇرى سىز ياردەم تەلەپ قىلغاندا ياكى قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە باشقىلار ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى ئاپتوماتىك مەلۇم قىلغاندا بىز يىغىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ: ئالاقە ياكى تەستىق ئۇچۇرى، سۆھبەت ئۇچۇرى، خاتالىق يۈز بەرگەن ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر ۋە ئەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، يۇمشاق دېتالنىڭ قاچىلىنىشى ۋە قاتتىق دېتالنىڭ سەپلىمىسى، خاتالىقنى ئىزلاش ھۆججەتلىرى قاتارلىقلار ھەققىدىكى سىستېما ۋە تىزىملاش جەدۋىلى ئۇچۇرى. «ياردەم ئۇچۇرى»نى مەخپىيەتلىك باياناتىدا دېيىلگەندەك مەقسەتلەردە ئىشلەتكەندىن باشقا، سىز يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تەربىيەلەش ئىشلىرىدا ئىشلىتىمىز.
ياردەم تېلېفون، تورخەت ياكى توردا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەمىنلىنىشى مۇمكىن. بىز رۇخسىتىڭىز بىلەن كومپيۇتېرىڭىزنى يىراقتىن تىزگىنلىشىمىزمۇ مۇمكىن. ياردەم تەمىنلىگەن كەسپىي خادىملار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون، تور سۆھبەتلىرى ياكى يىراقتىن تىزگىنلەش مەشغۇلاتلىرى خاتىرىلىنىشى ۋە/ياكى نازارەت قىلىنىشى مۇمكىن. يىراقتىن تىزگىنلەش مەشغۇلاتىدا، سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ، سۆھبەت خاتىرىسىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. تور سۆھبىتى ياكى يىراقتىن تىزگىنلەشنى خالىغان ۋاقىتتا ئۈزۈۋېتەلەيسىز.
ياردەم تەمىنلەنگەندىن كېيىن، تەسىراتىڭىز ھەققىدە تەكشۈرۈش قىلىشىمىز ۋە پىكىر ئېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ خىل تەكشۈرۈشكە ياردەم مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشقاندىكى Microsoft تەمىنلىگەن ياردەم ياكى ئېلخەت تېگىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئايرىم-ئايرىم قاتنىشالايسىز.
ياردەم مۇلازىمەتلىرىمىز ئارقىلىق يىغىلغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ بېقىش ۋە تەھرىرلەش ئۈچۈن، تور جەدۋىلىمىز ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بەزى كارخانىلار يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەم مۇلازىمەتلىرىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا مۇلازىمەت شۇلارنىڭ ئىمزالىغان توختام ۋە شەرتنامىلىرى بويىچە يۈرگۈزلىدۇ.
ھەق تۆلەش ئۇچۇرى توردا مال ستىۋالغاندا تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۇل تۆلىگۈچ نومۇرىڭىز (مەسىلەن، كىرېدىت كارتىسى، PayPal)، ئىسمىڭىز ۋە ھېسابات ئادرېسىڭىز، ھەمدە پۇل تۆلىگۈچ بىلەن باغلانغان بىخەتەرلىك كودىڭىز (مەسىلەن، CSV ياكى CVV) نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. بۇ بۆلۈمدە پۇل تۆلەش ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشكە ئائىت قوشۇمچە ئۇچۇرلار تەمىنلىنىدۇ.
ھەق تۆلەش ئۇچۇرلىرى مۇئامىلىڭىزنى تاماملاش، شۇنداقلا ئالدامچىلىقنى بايقاش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە كىرېدىت كارتا خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، Microsoft سىزنىڭ ھەق تۆلەش ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىڭىزنى بانكا ياكى مالىيە مۇلازىمىتى بىلەن ئورتاقلىشىشى مۇمكىن.
Microsoft ياكى ئورگان ھېساباتىڭىز ئارقىلىق كىرىپ، ھەق تۆلەش ئۇچۇرى تەمىنلىگەندە، بىز ئۇ ئۇچۇرلارنى كەلگۈسىدىكى مۇئامىلىڭىزدە قوللىنىش ئۈچۈن ساقلىۋالىمىز.
Microsoft ھېساباتىڭىزغا باغلانغان ھەق تۆلىگۈچ ئۇچۇرلىرىنى https://commerce.microsoft.com گە كىرىپ يېڭىلىيالايسىز ياكى ئۆچۈرەلەيسىز. ئورگان ھېساباتىڭىزغا باغلانغان ھەق تۆلىگۈچ ئۇچۇرلىرىنى خېرىدارلار ياردەم مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆچۈرەلەيسىز. ھېساباتىڭىزنى ياپقاندىن ياكى ھەق تۆلىگۈچنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، تېخى تاماملانمىغان مۇئامىلىڭىزنى تاماملاش، Microsoft نىڭ قانۇنىي مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە زۆرۈر دوكلاتلارنى تەييارلاش، شۇنداقلا ئالدامچىلىقنى بايقاش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، Microsoft سىزنىڭ ھەق تۆلىگۈچ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.
Microsoft ھېساباتى (ئىلگىرىكى Windows Live ID ۋە Microsoft Passport) سىزنىڭ Microsoft مەھسۇلاتلىرى، تور بەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى، شۇنداقلا Microsoft نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ يۇقارقىدەك مۇلازىمەتلىرىگە تىزىملىتىپ كىرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان مۇلازىمەت. Microsoft ھېساباتى قۇرغان ۋاقتىڭىزدا، بەزى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىپ مەلۇم تور بەت ياكى مۇلازىمەتكە تىزىملىتىپ كىرگىنىڭىزدە، تور بەت ۋە مۇلازىمەتكە كىملىكىڭىزنى دەلىللەپ بېرىش، ھېساباتىڭىزنى يامان غەرەزلىك ئىشلەتكۈچىلەردىن ساقلاش ۋە Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بەزى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. بىز يەنە Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن تىزىملىتىپ كىرگەن تور بەت ۋە مۇلازىمەتلەرگە بەزى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىمىز.
Microsoft ھېساباتىغا مۇناسىۋەتلىك، Microsoft ھېساباتىنى قانداق قۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى قانداق تەھرىرلەش ۋە Microsoft ھېساباتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانداق توپلاش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق باشقا تەپسىلاتلارنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆپرەك بىلىۋالاي نى چېكىڭ.
Microsoft ھېساباتى (ئىلگىرىكى Windows Live ID ۋە Microsoft Passport) سىزنىڭ Microsoft مەھسۇلاتلىرى، تور بەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى، شۇنداقلا Microsoft نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ يۇقارقىدەك مۇلازىمەتلىرىگە تىزىملىتىپ كىرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان مۇلازىمەت. بۇ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلار، تور بەتلەر ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
Microsoft ھېساباتى قۇرۇش
سىز بۇ يەردە ئېلېكترونلۇق خەت ئادرىسى، پارول ۋە كاندىدات ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، بىخەتەرلىك سوئالى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى قاتارلىق باشقا "ھېسابات ئىسپاتلىرى"نى تەمىنلەش ئارقىلىق Microsoft ھېساباتى قۇرالايسىز. سىزنىڭ "ھېسابات ئىسپاتلىرى"ڭىزنى پەقەت بىخەتەرلىك ئۈچۈنلا ئىشلىتىمىز. مەسىلەن، Microsoft ھېساباتىڭىزغا كىرەلمەي ياردەم كېرەك بولغاندا كىملىكىڭىزنى ئىسپاتلاش ياكى Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن باغلانغان ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا كىرەلمىگەندە پارولىڭىزنى قايتىدىن قۇرۇش قاتارلىقلار. بەزى مۇلازىمەتلەر قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قوشۇمچە بىخەتەرلىك ئۆتكىلى قورۇشىڭىز تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن. Microsoft ھېساباتىڭىزغا تىزىملاشتا ئىشلەتكەن ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ۋە پارۇلىڭىز سىزنىڭ "سالاھىيىتىڭىز" بولۇپ، ئۇنى تورىمىزدا ھەقىقىيلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلىتىسىز. بۇنىڭدىن باشقا، سالاھىيىتىڭىزگە 64 بىتلىق خاس ID نومۇرى بېرىلىدۇ. سىز بۇنى سالاھىيىتىڭىز بىلەن باغلانغان ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىسىز.
Microsoft ھېساباتى قۇرغان ۋاقتىڭىزدا، تۆۋەندىكى ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز: جىنىس؛ دۆلەت؛ توغۇلغان ۋاقىت ۋە پوچتا نومۇرى. توغۇلغان ۋاقتىڭىزنى، يەرلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بويۇنچە، بالىلارنىڭ Microsoft ھېساباتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ۋە ھامىيسىدىن مۇۋاپىق ئىجازەتكە ئېرىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ سىتاتىستىكىلىق ئۇچۇرلار تور ئېلانلىرى سېستىمىمىزنىڭ سىزنى پايدىلىق بولغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەر توغرىسىدىكى ماس كېلىدىغان ئېلانلار بىلەن تەمىنلىشىگە ئىشلىتىلىدۇ، بىراق ئېلان سېستىمىمىز ھەرگىز سىزنىڭ ئىسم ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشمەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئېلانچىلىق سېستىمىمىز سىزنى شەخسەن ۋە بىۋاستە پەرقلەندۈرىدىغان ھىچقانداق ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ۋە ئىشلەتمەيدۇ. ناۋادا نىشانلىق ئېلانلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىڭىز،t بۇ بەتنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق Microsoft ھېساباتىڭىزنى ياقتۇرۇشلىرىڭىز بىلەن تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قاچان بولسۇن Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن تور بەت ۋە مۇلازىمەتلەرگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز، ئېلانچىلىق سېستىمىمىز سىزنى نىشانلىق ئېلانلار بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.. Microsoftنىڭ ئۇچۇرلارنى ئېلانچىلىق ئۈچۈن قانداق ئىشلىتىدىغىنى بىلمەكچى بولسىڭىزMicrosoft ئېلانى مەخپىيەت بەلگىلىمىسىگە تولۇقلىمانى كۆرۈڭ.
Microsoft تەرىپىدىن بېرىلگەن ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭزنى (يەنى live.com، hotmail.com ياكى msn.com بىلەن ئاياغلاشقان) ياكى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى (gmail.comياكى yahoo.comبىلەن ئاياغلاشقانلارغا ئوخشاش)،Microsoft ھېساباتىڭىزغا تىزىملاتقاندا ئىشلىتەلەيسىز.
Microsoft ھېساباتى قۇرغاندا، سىزنىڭ Microsoft ھېساباتى بىلەن باغلانغان ئېلېكترونلۇق خەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىزگە بىر ئېلېكترونلۇق خەت ئەۋەتىمىز. بۇ ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسلىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز موشۇ ئادرېسنى ئىشلىتىپ سىزگە Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىمىز؛ بىز يەنە يەرلىك قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە، Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ئېلېكترونلۇق خەتلىرىنىمۇ ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن. تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرىۋېلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالاقىلەرنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەگەر Microsoft ھېساباتىغا تىزىملاتماقچى بولسىڭىز ھەمدە باشقا بىرسىنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى قوللانچى نامى قىلىپ سالاھىيەت قورۇپ بولغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مەزكۈر قوللانچىنى باشقا قوللانچى نامى ئىشلىتىشپ، سىز ئۆز ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىز بىلەن سالاھىيەت قورۇپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن يۇمشاق دېتاللار، تور بەتلەر ۋە مۇلازىمەتلەرگە تىزىملىتىپ كىرىش.
Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىپ مەلۇم تور بەت ياكى مۇلازىمەتكە تىزىملىتىپ كىرگىنىڭىزدە، تور بەت ۋە مۇلازىمەتكە كىملىكىڭىزنى دەلىللەپ بېرىش، ھېساباتىڭىزنى يامان غەرەزلىك ئىشلەتكۈچىلەردىن ساقلاش ۋە Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بەزى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. مەسىلەن، تىزىملىتىپ كىرگىنىڭىزدە، Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتى سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز ۋە باشقا سالاھىيىتىڭىزگە تەقسىملەنگەن 64 بىتلىق خاس ID نومۇرىڭىز IP ئادرېسىڭىز، تور كۆرگۈڭىزنىڭ نەشىرى، چېسىلا ۋە ۋاقىت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىپ مەلۇم ئۈسكۈنە ۋە ئۈسكۈنىگە ئورنىتىلغان يۇمشاق دېتالغا تىزىملىتپ كىرسىڭىز، بىر ئىختىيارى خاس ID بۇ ئۈسكۈنىگە تەقسىملىنىدۇ؛ بۇ ئىختىيارى خاس ID سىز كېينكى قېتىملاردا Microsoft ھېساباتى بىلەن بۇ تور بەت ياكى مۇلازىمەتكە تىزىملىتىپ كىرگەندە، سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتىگە ئەۋەتىلىدۇ. Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى سىز تىزىملىتىپ كىرگەن تور بەت ۋە مۇلازىمەتكە ئەۋەتىدۇ: تور بەت ياكى مۇلازىمەتنى سىزنىڭ يېقىنقى مەشغۇلاتتا تىزىملىتىپ كىرگەن ئادەم ئىكەنلىكىڭىز ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇشقا يول قۇيىدىغان خاس ID نومۇرى؛ ھېساباتىڭىزغا تەقسىملەنگەن نەشىر نومۇرى (ھەر قېتىم تىزىملىتپ كىرىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتكىنىڭىزدە تەقسىملەنگەن يېڭى نومۇر)؛ ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىز جەزىملەشتۈرۈلدىمۇ يوق؛ ھېساباتىڭىز توختىتىلدىمۇ يوق.
Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن تىزىملىتىپ كىرىشكە يول قويىدىغان بەزى ئۈچىنچى تەرەپ تور بەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى سىزنى ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئېلېكترۇنلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تىزىملىتىپ كىرگىنىڭىزدە، Microsoft ئېلېكترۇنلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى تەمىنلەيدۇ، ئەمما پارولىڭىزنى ئۇ تور بەت ۋە مۇلازىمەتلەرگە تەمىنلىمەيدۇ. مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئەگەر سالاھىيىتىڭىزنى تور بەت ۋە مۇلازىمەتلەر بىلەن قۇرغان بولسىڭىز، پارولىڭىزنى قايتا بېكىتىشىڭىزگە ياردەم بىرىش ۋە باشقا ياردەم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سالاھىيىتىڭىز بىلەن باغلانغان ئۇچۇرلارغا چەكلىك دائىرىدە ئېرىشكىلى قۇيۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ھېساباتىڭىزغا مەكتەپ، سودا ئورۇنلىرى، ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ياكى مەلۇم ساھەنىڭ باشقۇرغۇچىسى قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق ئېرىشكەن بولسىڭىز، بۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھېساباتىڭىزنىڭ پارولىنى قايتا بېكىتىش، ھېسابات ئىشلىتىش ۋە ئارخىپ سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرۈش، ھېساباتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى ساقلاش ۋە ئوقۇش، ھېساباتىڭىزنى ۋاقىتلىق توختۇتۇش ۋە بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللاردا Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمنامىسى ۋە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قوشۇمچە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايسىز. ئەگەر سىز قوللانچىلارنى Microsoft ھېساباتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەلۇم ساھەنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولسىڭىز، بۇ ھېساباتلاردا يۈز بەرگەن بارلىق پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بولىسىز.Microsoft
سەمىڭىزدە بولسۇنكى، Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن تىزىملىتىپ كىرىشكە يول قويغان بەزى تور بەت ۋە مۇلازىمەتلەر ئېلېكترۇنلۇق خەت ئادرېسىڭىز ۋە مەخپىيەتلىك باياننامىسىدا تىلغا ئېلىنغان سىز ئۇلارغا تەمىنلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتەلەيدۇ ۋە بەھىرلىنەلەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار Microsoft ھېسابات مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن خاس ID نومۇرىنى سىز تەلەپ قىلغان مۇلازىمەت ۋە ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاق ئىشلىتەلەيدۇ. Microsoft ھېساباتىنى ئىشلەتكەن بارلىق تور بەتلەر ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما بىز بۇ تور بەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىك ئەمەلىيتىنى باشقۇرمايمىز ۋە تەكشۈرمەيمىز، ھەم ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىك ئىشلىرىنى بىجىرىشىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. سىز تىزىملىتىپ كىرگەن ھەر قايسى تور بەتلەر ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۆزلىرى توپلىغان ئۇچۇرلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭىز لازىم.
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ھېسابات بېتىنى ئارقىلىق ئېرىشەلەيسىز. Microsoft ھېساباتىڭىز باشقۇرۇلغان ساھەگە تەۋە بولمىسا قوللانچى نامىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. ئەگەر Microsoft ھېساباتىڭىز باشقۇرۇلغان ساھەگە تەۋە بولمىسا قوللانچى نامىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. پارولىڭىز، كاندىدات ئېلېكترۇنلۇق خەت ئادرېسىڭىز، تېلېغون نومۇرىڭىز، سۇئال ۋە مەخپىي جاۋابڭىزنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتەلەيسىز. Microsoft ھېساباتىڭىزنى ھېسابات, قا كىرىپ "ھېساباتىڭىزنى تاقاش" ئارقىلىق تاقىۋىتەلەيسىز. ناۋادا يوقىرىدا دېيىلگەندەك ھېساباتىڭىز باشقۇرۇلغان دائىرىدە بولسا، ھېساباتىڭىزنى تاقاش ئۈچۈن ئالاھىدە باسقۇچلارنى بىجىرىشىڭىز مۇمكىن. سەمىڭىزدە بولسۇن، ئەگەر سىز MSN ياكى Windows Live قوللانچىسى بولسىڭىز، ھېساباتىڭىزغا كىرگەندە بۇ تور بەتلەرنىڭ ھېساباتىغا ئۇلىنىسىز.
Microsoft ھېساباتى توغرىسىدىكى تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن Microsoft ھېسابات تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار
تۆۋەندىكىلەردىن سىز ئۈچۈن مۇھىم (ياكى مۇھىم بولمىغان) قوشۇمچە مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تاپالايسىز. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىز سىزگە ئۇقتۇرۇپ قويماقچى بولغان ئاممىباپ مەشغۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، ھەممىسىنى مەخپىيەتلىك باياناتىمىزدا ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم دەپ ئويلىماڭ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېنىق بولسىمۇ، (مەسىلەن، بىز قانۇن تەلەپ قىلسا بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايمىز)، بىراق ئادۋوكاتلىرىمىز ئېنىق دېيىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئۇچۇرلار پائالىيەتلىرىمىز ھەققىدىكى تولۇق چۈشەندۈرۈش ئەمەس، قوشۇمچە تەپسىلىي ئۇچۇرلار سىز ئىشلەتكەن ھەربىر Microsoft مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك بايانىدا بېرىلگەن.
بۇ بەتتىكىلەر:
شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ۋە ئاشكارىلاش
سىز ئىشلەتكەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىدا دېيىلگەن ئورتاقلىشىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلاردىن باشقا، Microsoft تۆۋەندەك ئەھۋاللاردا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشى ياكى ئاشكارلىشى مۇمكىن:
سىزنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئوخشاش شەخسىي ئۇچۇرلارنىمۇ ئورتاقلىشىشىمىز ياكى ئاشكارلىشىمىز مۇمكىن.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، تور بېكەتلىرىمىزدە مەخپىيەتلىك پائالىيەتلىرى Microsoft نىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچىنىچى تەرەپ ئۇلىنىشلىرىنى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشۇ بېكەتلەرگە يوللىسىڭىز، ئۇچۇرلىرىڭىز شۇ بېكەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. زىيارەت قىلغان بارلىق بەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتلىرىنى ئوقۇپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش
Microsoft شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانۇنسىز ئىشلىتىلىش، كۆرۈش ياكى ئاشكارىلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىمىز. مەسىلەن، بىز سىز تەمىنلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى قاتتىق تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ۋە چەكلىك زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان كومپيۇتېردا ساقلايمىز. توردا (ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرى ياكى پارولغا ئوخشاش) مەخپىيەتلىكى يۇقىرى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەندە، مەخپىيەتلىك ئېغىزى قاتلىمى (SSL) كېلىشىمى قاتارلىق مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدايمىز.
ئەگەر ھېساباتىڭىز ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن پارول ئىشلىتىلگەن بولسا، پارولنىڭ مەخپىيلىكىنى قوغداش سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىز. ئۇنى ئورتاقلاشماڭ. ئەگەر كومپيۇتېرنى ئورتاق ئىشلەتكەن بولسىڭىز، كېيىنكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىم تور بېكەت ياكى مۇلازىمەتتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، تىزىملاشتىن چېكىنىشىڭىز لازىم.
ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئورنى
Microsoft تور بېكەتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىدە يىغىلغان شەخسىي ئۇچۇرلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى Microsoft ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلىرى جايلاشقان باشقا دۆلەتتە ساقلىنىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن. Microsoft شىركىتى ئا ق ش سودا مىنىستىرلىقى يولغا قويغان ياۋروپا ئىقتىسادىي رايونى ۋە شىۋېتسارىيەدىن ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش ۋە ساقلاش ھەققىدىكى ياۋرو-ئامېرىكا بىخەتەر پورت رامكىسى ۋە ئامېرىكا-شىۋېتسارىيە بىخەتەر پورت رامكىسىغا بويسۇنىدۇ. بىخەتەر پورت رامكا پىروگراممىسى ۋە ئىجازەتنامىمىز ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن كۆرۈڭ: http://www.export.gov/safeharbor/.
Microsoft بىخەتەر پورت پىروگراممىسىغا قاتناشقان بولۇپ، سىز بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا تۈزۈم ۋە پائالىيەتلىرىمىزگە ئالاقىدار تالاش-تارتىشلار كۆۈلسە، مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ بولغان TRUSTe ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. TRUSTe بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز، بۇ توربەتكە كىرىڭ: https://feedback-form.truste.com/watchdog/request.
Microsoft قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش، تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش، كېلىشىمىلىرىمىزنى ئىجرا قىلىش، مۇلازىمەت يۈرگۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن كۆرۈڭ: ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئېچىش.
مەخپىيەتلىك باياناتىمىزغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش
خېرىدارلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ۋە مۇلازىمىتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك مەخپىيەتلىك باياناتىمىزنى پات-پات يېڭىلاپ تۇرىمىز. باياناتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك، باياناتنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى «ئاخىرقى يېڭىلانغان ۋاقىت» دېگەن ئورۇندىكى ۋاقىتنىمۇ يېڭىلايمىز. ئەگەر باياناتقا چوڭراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە ياكى Microsoft نىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىشلىتىشىدە ئۆزگىرىش بولسا، بۇ خىل ئۆزگىرىش يولغا قويۇلۇشتىن بورۇن، كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىش ياكى بىۋاستە سىزگە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش ئارقىلىق سىزنى خەۋەرلەندۈرىمىز. Microsoft نىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىشلىتىۋاتقان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىنى قەرەللىك ھالدا كۆرۈپ تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
Microsoft Privacy, Microsoft Corporation, One Microsoft Way, Redmond, Washington 98052 USA
دۆلىتىڭىز ياكى رايونىڭىزدا Microsoft نىڭ تارماقلىرىنى تېپىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىڭ: http://www.microsoft.com/worldwide/.
FTC مەخپىيەت ئاكتىپلىرى
ئۆيدىكى بىخەتەرلىك
Trustworthy Computing